ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك 902 ئائىلىنى يوق قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە رايونىدا پەلەستىنلىك 902 ئائىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق يوق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا خەلقئارادا چەكلەنگەن قورال - ياراغلارنى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئۇدا بىر يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى جەرياندا بارلىق ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋەتكەن پەلەستىنلىك 902 ئائىلىنىڭ نوپۇس تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان بارلىق ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى، پۈتۈن دۇنيانىڭمۇ بۇنى قاتتىق ئەيىبلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سوتلىنىشى ۋە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى تۈپەيلى ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلىشى تەلەپ قىلىندى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىش» كە چاقىرىق قىلىندى.