ھۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ يافا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋغا يېقىن يافا شەھىرىدىكى مۇھىم بىر نىشانغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
2194284
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ باياناتچىسى يەھيا ئەسسېرى يافا شەھىرىدىكى مۇھىم بىر نىشانغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، ئىسرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىۋغا يېقىن يافا شەھىرىكى مۇھىم بىر نىشانغا ئۇچقۇلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمنى توسىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توختىمىغىچە بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.