ئىتالىيە بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ چېگرالىرى قايتىدىن سىزىلىدۇ

ئىتالىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە چېگراسىنىڭ بىر قىسمى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن سىزىلىدۇ.

2193863
ئىتالىيە بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ چېگرالىرى قايتىدىن سىزىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىتالىيە بىلەن  شىۋېيتسارىيە ئالپ تېغىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققىلارنىڭ بىرى بولغان ماتتېرخورن چوققىسىنىڭ ئاستىدىكى چېگرانى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى.

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تەبىئىي ئېلېمېنتلار ئۆزگىرىۋاتىدۇ ۋە دۆلەت چېگرالىرىنى قايتىدىن بەلگىلەۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىمزالاش تەرتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كېلىشىم ئېلان قىلىنىدۇ.»

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇش رەسمىيىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيانىڭ تېمپېراتۇراسى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن قىتئەسى بولغان ياۋروپانىڭ مۇزلۇقلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر.

شىۋېيتسارىيەدىكى مۇزلۇقلار بۇلتۇر ھەجىمىنىڭ %4 نى يوقىتىپ، تارىختىكى ئىككىنچى چوڭ تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈردى. بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش 2022-يىلى %6 بولغان ئىدى.

40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى ماتتېرخورن ئەتراپىدىكى مۇزلۇقتىن ئۆتۈۋاتقاندا غايىب بولغان گېرمانىيەلىك تاغقا چىققۇچىنىڭ جەسىتى بۇلتۇر 7-ئايدا مۇز ئېرىگەن مۇز قاتلىمىدىن تېپىلغان ئىدى. 2022-يىلى ئىتالىيەدە ئالپ تېغىدىكى مۇزلۇقنىڭ يىمىرىلىشى نەتىجىسىدە 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر