ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا 55 كىشى قازا قىلىپ، 156 كىشى يارىلاندى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن (1- ئۆكتەبىر) لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 55 كىشى قازا قىلىپ، 156 كىشى يارىلاندى.

2193842
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا 55 كىشى قازا قىلىپ، 156 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 55 كە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 156 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 2023-يىلى 8 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ھىزبۇللاھ بىلەن كونتروللۇق توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 23 - سېنتەبىردە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردىن باشقا يەنە، بەقا ۋە بائالبېك رايونلىرىغىمۇ نەچچە يۈز قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھىزبۇللاھ ئىشلىتىلىۋاتقان سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى پارتىلىتىلغان 17 – سېنتەبىردىن بۇيان 104 كىچىك بالا ۋە 194 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 1328 كىشى قازا قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى سەۋەبىدىن يۈز مىڭلىغان كىشى دۆلەت ئىچىدە يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر