ئامېرىكادا «ھېلىن» قارا بورىنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 150 دىن ئېشىپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئالدىنقى ھەپتە يېتىپ كەلگەن «ھېلىن» قارا بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتتە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 150 دىن ئېشىپ كەتتى.

2193879
ئامېرىكادا «ھېلىن» قارا بورىنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 150 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدا دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 225 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن كەلگەن ھېلىن قارا بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرى داۋاملاشماقتا.

ئالاقىدار تارماقلار شىمالىي كارولىنا، جەنۇبىي كارولىنا جورجىيا، فلورىدا ۋە ۋىرجىنىيە ئىشتاتىغا بوران، كۈچلۈك شامال ھەمدە يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىر قىلغانلىقىنى، ئوتتۇرىغا چىققان ئاپەتلەردە كەم دېگەندە 150 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى فېدېراتسىيە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى (FEMA) نىڭ مەسئۇللىرىمۇ «ھېلىن» قارا بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت سەۋەبىدىن مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

ئالاقىدار تارماقلار 150 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى، بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇ ياردىمى ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇ ھەپتە بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنى زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بوران جورجىيا، ۋىرجىنىيە، جەنۇبىي كارولىنا، شىمالىي كارولىنا ۋە تېننېسسى ئىشتاتىلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بوران ئاپىتى تۇنجى يېتىپ كەلگەن فلورىدا ئىشىتاتىدا 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق، جورجىيادا1 مىليون، جەنۇبىي كارولىنادا 1 مىليون 300 مىڭ، شىمالىي كارولىنادىكى 600 مىڭ ئۆي ۋە خىزمەت ئورنىدا توك ئۈزۈلۈپ ئىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن فلورىدا ۋە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا «ئاپەت ھالىتى» ئېلان قىلىپ، بوراننىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا «فېدېراتسىيە ياردىمى»  قىلىش پەرمانى چۈشۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر