زىمبابۋې پىللارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىدىغان بولدى

زىمبابۋې ئېغىر قۇرغاقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان يېمەك-ئىچمەك يېتىشمەسلىككە قارشى خەلقىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 پىلنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

2188675
زىمبابۋې پىللارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىمبابۋې دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، زىمبابۋېنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرغاقچىلىقتىن كېيىن ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 200 پىلنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە گۆشىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلەت باغچىلىرىدىكى زىچلىقنى يوقىتىش خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىلىرى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قارارنى تەنقىد قىلدى.  

يەنە بەزىلەر پىلنىڭ دۆلەتكە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قارارنى ئەيىبلىدى.

زىمبابۋېدە 84 مىڭدىن ئارتۇق پىل بارلىقى مەلۇم.


خەتكۈچ: #پىل , #زىمبابۋې

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر