ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 41 مىڭ 272 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 41 مىڭ 272 گە يەتتى.
2188732
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 348 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە ئىككى «قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىپ، يەنە 20 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 54 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.
باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 41 مىڭ 272 گە، يارىلانغانلار سانى 95 مىڭ 551 گە يەتكەن.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئول قولغا ئېلىندى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئول قولغا ئېلىندى.