ئامېرىكا ئىراننىڭ «سۆزلىرىنى ئەمەس، ھەرىكەتلىرىنى» نەزەرگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يادرو سۆھبەتلىرى مەسىلىسىدە ئىراننىڭ «سۆزلىرىنى ئەمەس، ھەرىكەتلىرىنى» نەزەرگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2188722
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى كارىن جىن-پىيېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە بايانات بەردى.
جىن-پىيېر ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىياننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن «قايتا سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكى»نى ئېيتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئاق ساراينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ «ئۇزۇندىن بېرى ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
باياناتچى جىن-پىيېر: «ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ دىپلوماتىيە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ بىزنىڭ يېقىنقى 3.5 يىلدىن بېرى ناھايىتى ئىزچىل تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىمىز» دېدى.
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو تەتقىقاتلىرىغا بولغان مەيدانىنىڭ ھەمىشە «ئېنىق» بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان باياناتچى: «بىز دۇنيا مىقياسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەققىدە سۆزلىگەندە، بۇ دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئەمما ھازىر بۇنداق بىر ئەھۋالدىن ناھايىتى يىراقمىز، شۇڭا بىز ئىراننى سۆزلىرىگە ئەمەس، ھەرىكەتلىرىگە قاراپ باھالايمىز» دېدى.
جىن-پىيېر يەنە، ئىراننىڭ بۇ مەسىلىدە ھەممىدىن ئاۋۋال «ئەستايىدىللىقى ۋە يېڭى بىر پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى»نى كۆرسەتمەكچى بولسا، يادرو تەتقىقاتلىرىنى ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكلەرنى دۆلەت ئىچى مەسىلىلەردە سۇيىئىستېمال قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىرانپىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان مەسئۇد پەزەشكىيان ھەم سايلام تەشۋىقاتىدا ھەم سايلانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىقتىسادىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يادرو كېلىشىمى تۈزۈش ۋە غەرب بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى.