ئامېرىكا ئالياسكاغا ئەسكەر ئەۋەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسى يېقىنقى مەزگىللەردە رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان ئالياسكاغا ئەسكەر ئەۋەتتى.

2188727
ئامېرىكا ئالياسكاغا ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ 10-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان تىنچ ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى «ئوكيان-24» ناملىق ھەربىي مانېۋىرلىرى ئەندىشە پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا كۆچمە راكېتا ئاتقۇچ بىلەن قوراللانغان تەخمىنەن 130 ئەسكىرىنى ئالياسكا يېرىم ئارىلىنىڭ  غەربىي جەنۇبىغا سوزۇلغان قىسمىدىكى ئالېئۇت تاقىم ئاراللىرى رايونىغا ئەۋەتتى.

ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقىنى قوغداشقا مەسئۇل بىرلەشمە تەشكىلاتى — شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىقى 11-سېنتەبىر، 13-سېنتەبىر، 14-سېنتەبىر ۋە 15-سېنتەبىردە ئالياسكا سىرتىدا رۇس ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى بايقاپ، يېقىندىن كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سەككىز رۇس ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنىڭ ئالياسكىغا يېقىنلاشقانلىقى، ئەمما ئايروپىلانلارنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«كۈچ ئەكس ئەتتۈرۈش» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئالياسكانىڭ ئانكورېج شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 2 مىڭ كىلومېتىر غەربىي جەنۇبدىكى شېميا ئارىلىغا ئەۋەتىلدى.

رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۇقىرى ھەرىكەتچانلىققا ئىگە 2 توپچى راكېتا سىستېمىسى (HIMARS) ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شېميا ئارىلىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ھاۋا بازىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى گېنېرال-مايور پات رايدېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىزنىڭ رۇسلارنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ يېقىن ئەتراپىمىزدا ئۇچقانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقىنىمىز يوق، بۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر