پورتۇگالىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەتتىگە ئۆرلىدى

پورتۇگالىيەنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىدا ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يەتتىگە ئۆرلىدى.

2188643
پورتۇگالىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەتتىگە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك جىددىي ھالەت ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھازىرغا قەدەر 60 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق ئورماننىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى، نۆۋەتتە 65 ئورۇندا ئوت ئاپىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئاپىتىدە 3 نەپىرى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بولۇپ، جەمئىي يەتتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يارىلانغانلار سانىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باش مىنىستىر لۇئىس مونتېنېگرو مىنىستىرلار كېڭىشىنى پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىرىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئارىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قارارلارنى ماقۇللىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭمۇ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەخمىنەن 5 مىڭ كىشىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقى، قۇرۇقلۇقتىن 1700 ئاپتوموبىل ۋە ھاۋادىن 29 ئايروپىلاننىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بولۇپمۇ شىمالدىكى پورتو شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاۋېيرو رايونىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە 7 تاشيولنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ھۆكۈمەت 15 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىنىنىڭ مۇددىتىنى 19 - سېنتەبىر يېرىم كېچىگىچە ئۇزارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر