دوھادا تەرەپلەرنىڭ دىققىتى غەززەدە قەتل قىلىنغان بالىلار جەلپ قىلىندى

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك بالىلارغا تارتىش مەقسىتىدە 15 مىڭ ئويۇنچاق ئېيىق كۆرگەزمە قىلىندى.

2188730
دوھادا تەرەپلەرنىڭ دىققىتى غەززەدە قەتل قىلىنغان بالىلار جەلپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەلىك رەسسام ۋە لايىھەلىگۈچى بەشىر مۇھەممەد تەرىپىدىن باھارات مەشەيرەب ئوچۇق كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلارچە بالا خاتىرىلەندى.

«يوقاپ كەتكەن مەسۇمىيەتنىڭ (بىگۇناھلىقنىڭ) ساداسى» ناملىق پائالىيەتتە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلارچە بالىغا  تارتىش مەقسىتىدە كۆرگەزمە سارىيىغا 15 مىڭ دانە ئويۇنچاق ئېيىق قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر