ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ نامىزىنى نىيۇ يورك تايمېس مەيدانىدا ئوقۇدى

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى نىيۇ يوركنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان تايمېس مەيدانىغا يىغىلىپ، رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇدى.

2113541
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ نامىزىنى نىيۇ يورك تايمېس مەيدانىدا ئوقۇدى
times ramazan teravih.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رامىزاننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكادا ياشايدىغان مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئۆز رايونىدىكى جامە ۋە مەسچىتلەرگە تاراۋىھ نامىزى ئۈچۈن توپلاندى.

مىڭلىغان مۇسۇلمانلار نىيۇ يوركنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان تايمېس مەيدانىغا يىغىلىپ، رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن، غەززە ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندىن يېرىم سائەت يىراقلىقتىكى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدىمۇ رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ  نامىزى ئوقۇلدى.

تاراۋىھ  نامىزىغا نۇرغۇن كىشىلەر توپلاندى.  جامەنىڭ تاشقى ھويلىسى ۋە باغچىسىمۇ جامائەت بىلەن لىق تولدى.

نامازدىن كېيىن، بارلىق مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ غەززەگە ئالاھىدە دۇئا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر