رىۋاندا ياشلىرىدا تۈرك تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى

شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى رىۋاندادا، تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ياقتۇرغان ياشلار تۈرك تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدى.

2066152
رىۋاندا ياشلىرىدا تۈرك تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ پايتەخت كىگالىدىكى رىۋاندا ئۇنۋېرسىتىتىدا باشلىغان پائالىيەتلىرىگە شەھەر خەلقى ئىنتايىن قىزىقماقتا.

رىۋاندا خەلقى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئۆزئارا ئالاقە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمدە تۈرك تىلى بىلەن يېقىندىن تونۇشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىنستىتۇت تەشكىللىگەن تۈرك تىلى كۇرسلىرىغا ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قاتناشماقتا.

تۈركىيەنىڭ  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۆرگەن تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، مۇزىكا ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى رىۋاندالىق ياشلىرىنى تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر