تۈركىيەنىڭ تۇنجى نېكروپول مۇزېيى ئانتاليادا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋانىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئانتاليادا، دوغۇ گاراجىدىكى ئانتاليا نېكروپول مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى.

2060620
تۈركىيەنىڭ تۇنجى نېكروپول مۇزېيى ئانتاليادا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
Turkiye'nin ilk nekropol muzesi antalya1.jpg
ersoy antalya.jpg
Turkiye'nin ilk nekropol muzesi antalya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەھمەت نۇرى ئەرسوي دەسلەپتە مۇزېينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نېكروپول مۇزېيلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەرسوي ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ۋاتىكان ۋە بۇلغارىيەدىكى نېكروپول مۇزېيلىرىنى مىسال كۆرسىتىپ: «بۈگۈن بىز ئانتاليادىكى نېكروپول مۇزېيىنى ئاچتۇق. تۈركىيەنىڭ تۇنجى نېكروپول مۇزېيىدۇر. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ۋە 4-ئەسىرلەردىن تارتىپ، مىلادىدىن كېيىنكى 5-ئەسىرگىچە تۇتۇشىدىغان  قەبرىلەر كۆزگەزمە قىلىنىدۇ» دېدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2008-يىلى باشلانغان قۇتقۇزۇش ۋە قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا 866 قەبرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرسوي، شۇچاغدىلا بۇ يەرگە نېكروپول مۇزېيى سېلىش قارار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمەت نۇرى ئەرسوي مۇزېيدا كۆرگەزمە زالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، فېستىۋال بويىچە سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمەت نۇرى ئەرسوي مۇزېينىڭ ئانتاليانىڭ مەدەنىيەت بايلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر