تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 100 ياشقا كىردى، مۇبارەك بولسۇن

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى 100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقتى.

2056135
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 100 ياشقا كىردى، مۇبارەك بولسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 100 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تەرىپىدىن تەۋرەنمەس ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلدى. جۇمھۇرىيەت بىناكارلىرى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن يىلتىزى چوڭقۇر تۈرك خەلقىنىڭ مائارىپتىن سەنئەتكىچە، ئىلىم-پەندىن تەنتەربىيەگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىرىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ۋارىسلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەتتە ئىزلىرىنى قالدۇرماقتا. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىز قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بۇ ئەسىردە ئۆزىنى ئۆزى قامدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، پەن-تېخنىكادىن مەدەنىيەت ۋە سەنئەتكىچە، مائارىپتىن سانائەتكىچە بولغان ساھەلەردە ئۆز نىشانىغا يەتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، يېڭى نىشانلارغا قاراپ مەڭگۈ ئىلگىرىلەيدۇ.

تۈركىيەنىڭ يېڭى ئەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك باشلىنىدۇ، تۈرك خەلقى ئىشەنچلىك قەدەملەر بىلەن داۋاملىق ئالغا باسىدۇ، دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى تەۋرەنمەس ئورنىنى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.

 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە قوشقان زور تۆھپىلىرى بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ.

100 ياشقا كىرگەنلىكىڭنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز تۈركىيە!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر