دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىز ياۋروپا چېمپىيونى  بولدى

دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىز 2023-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2 گە قارشى 3 نەتىجىدە بىلەن سېربىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولدى.

2032519
دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىز ياۋروپا چېمپىيونى  بولدى
A Milli Kadın Voleybol Takımı.jpg
A Milli Kadın Voleybol Takımı 3.jpg
A Milli Kadın Voleybol Takımı 4.jpg
A Milli Kadın Voleybol Takımı 5.jpg
A Milli Kadın Voleybol Takımı 6.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى مۆلچەردىكىدەك كەسكىن  باشلاندى.

تۇنجى مەيداندا 27 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن 1 گە قارشى 0 نۇمۇر بىلەن ئارقىدا قالدۇق.

ئىككىنچى مەيداننى تېخىمۇ ياخشى باشلىغان تەرەپ دۆلەت كوماندىمىز بولدى.

بۇ ئۈستۈنلۈكىنى ئاخىرقى پەيتكىچە ساقلاپ كەلگەن ھىلال ئاي چولپانلىرى 21 گە قارشى  25 نەتىجە بىلەن بارۋەرلىكنى قولغا كەلتۈردى.  

كوماندىمىز ئۈچىنچى مەيدانغا بوراندەك چەبدەدسلىك بىلەن كىردى.

9 غا قارشى 15 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن ئاياللار كوماندىمىز، ئاخىرىدا توختاپ قالغاندەكلا بولدى.

سېربىيە كوماندىسى ئالدى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئاندىن 22 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى مەيدان تەڭدە - تەڭ ئۆتتى.

ئاخىرىقى مەيداندا مەستانىلىرىدىن مەدەت ئالغان دۆلەتلىك كوماندىمىز 22 – گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن، نومۇر تەڭپۇڭلۇقىنى يەنە بىر قېتىم قولغا كەلتۈردى.

ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەپەسلىرىمىز تۇتۇلدى.

زور ھاياجانلغا تولغان بۇ دەقىقىلەردە، بوسكوۋىچ - ۋارگاس دۇئېلى باشلاندى.

مۇسابىقىنىڭ چولپىنى بولغان ۋارگاس ئاخىرقى مەيداندا غەلىبىگە ئېرىشتى ۋە دۆلەتلىك كوماندىمىز 13 كە قارشى 15 نەتىجە بىلەن 2 – گە قارشى 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.

41 نومۇر بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان مېلىسسا ۋارگاس، مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماھىرى بولۇپ تاللاندى.

شۇنداق قىلىپ، ھىلال ئاي چولپانلىرى ياۋروپا بىرلەشمىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، تارىخىدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «2023-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونى بولۇپ ھەممىمىزنى قاتتىق ئىپتىخارلاندۇرغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىزنى، تور سۇلتانلىرىمىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر