سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېتىپ كەلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقى ھەج ئۈچۈن چەت ئەللەردىن 1مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2001195
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقىنىڭ زىيارەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئەل بىجاۋى <ئەل ئەخبارىيە> تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مىنىستىرلىقنىڭ مۇقەددەس تۇپراقلارغا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە كەلگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىجاۋى ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھەج ئۈچۈن كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىشقا شۇنداقلا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى تېز بېجىرىشكە قارىتا ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مەدىنە ۋە مەككەدىكى بارلىق ئايرودۇرۇملارنىڭ ھەجگە كەلگەنلەرگە قارىتىلغان تەرتىپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىجاۋى، ھازىرغا قەدەر چەت ئەللەردىن 1مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر