لىئونېل مېسسى كەچۈرۈم سوراپ كوماندىسىغا قايتىپ كەلدى
پارىژ سانت گېرمان (PSG) كوماندىسىنىڭ پۇتبۇل ماھىرى ئارگېنتىنالىق چولپان لىئونېل مېسسى كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن كوماندىسىدا مەشىق قىلىشنى باشلىدى.
1984190
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىئونېل مېسسى رۇخسەتسىز سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانلىقى سەۋەبىدىن كۇلۇب تەرىپىدىن ئىككى ھەپتە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا سەپداشلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى.
ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ترويېس كوماندىسىنى يەڭگەن تۈنۈگۈنكى (8 - ماي) مۇسابىقىسىدە، كوماندىسى بىلەن بىرگە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىدى.