رامىزاننىڭ 25-كۈنى كەئبە مۇسۇلمانلار بىلەن تولۇپ تاشتى
رامىزاننىڭ 25-كۈنى كەچتە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەئبىدە ئىبادەت قىلدى.
1975664
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ھەرەم ئىدارىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، مەككىدە كەئبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسجىدى ھەرەمنىڭ رامىزاننىڭ 25-كۈنى كەچتە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننى كۈتۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەرلىك تاراتقۇلارمۇ رامىزان باشلانغاندىن بۇيانقى مەسجىدى ھەرەمدە كۆرۈلگەن ئەڭ كۆپ سان ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقى 26-مارتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىبادەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن رامىزاندا ھەممەيلەننىڭ پەقەت بىر قېتىملا ئۆمرە قىلالايدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.