مۇسۇلمانلار بۈگۈن قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

مۇسۇلمانلار بۈگۈن قۇرئان كەرىمدە «مىڭ ئايدىن ئارتۇق» دەپ تەرىپلەنگەن قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

1975777
مۇسۇلمانلار بۈگۈن قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان قەدىر كېچىسى «ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ، دۇئا ۋە تەۋبە قوبۇل قىلىندىغان مۇبارەك كېچە» دەپ قارىلىدۇ.

قەدىركېچىسىدە كۆپ تەۋبە قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە قۇرئان ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مىڭ ئايدىن ئارتۇق» بولغان قەدىر كېچىسىدە، «ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنىمۇ ئەپۇ قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر