46 ياشلىق ناخشىچى شاكىرانىڭ ۋاپاسىز سۆيگىنىگە قاراتمىلىقى بولغان ناخشىشى رېكورت ياراتتى

كولۇمبىيەلىك ناخشىچى شاكىرانىڭ ئۆزىنى ئالدىغان 12 يىللىق سۆيگىنى پۇتبولچى گېرارد پېكۇغا قاراتمىلىقى بولغان «Music Sessions Vol. 53» ناملىق ناخشا ئالبومى 14 جىنىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

1958826
46 ياشلىق ناخشىچى شاكىرانىڭ ۋاپاسىز سۆيگىنىگە قاراتمىلىقى بولغان ناخشىشى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرارد پىكۇدىن  ئايرىلىشى بىلەن كۈن تەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان ناخشىچى شاكىرا، ئاخىرقى ناخشىسى بىلەن جىننېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىردى.

يانۋاردا، «Music Sessions Vol. 53» ناملىق ناخشا ئالبومىنى ئېلان قىلغان 46 ياشلىق كولۇمبىيەلىك ناخشىچى شاكىرا، «Spotify» دا  <بىر كۈندە ئەڭ كۆپ ئاڭلانغان لاتىنچە ناخشا>،  <بىر كۈندە Youtube دا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئىسپانىيە مۇزىكا فىلىمى>  قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رېكورتلارنى يارىتىپ، جەمئىي 14  جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئاتاقلىق ناخشىچى شاكىرا ۋاپاسىز سۆيگىنى پۇتبول ماھىرى پىكۇنى «Music Sessions Vol. 53» ناملىق ناخشا ئالبومىنىڭ بىرقانچە يېرىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

ناخشا تېكستلىرىدىكى «مەن ساڭا قايتمەيمەن، مەن ئۈچۈن يىغلىما، ماڭا يالۋەرمە ياكى سېنى كىشىلەرنىڭ تەنقىد قىلىشى مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەسلىكىنى بىلدىم، مەن پەقەت ناخچىلىق قىلىمەن، بۇ سېنى بىئارام قىلغان بولسا، كەچۈرگىن» دېگەن سۆزلەر پىكۇغا ئېيتىلغان دەپ قارالماقتا.


خەتكۈچ: #ناخشا , #شاكىرا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر