مىسىردىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا تاماشىبىنلار مۇنبىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 27 كىشى يارىلاندى

مىسىرنىڭ 6 – ئۆكتەبىر شەھىرىدىكى يېپىق تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا، تاماشىبىنلار مۇنبىرىنىڭ تۆمۈر توساقلىرىدىن بىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 27 كىشى يارىلاندى.

1923282
مىسىردىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا تاماشىبىنلار مۇنبىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 27 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلئىتتىھات ۋە ئەلئەھلى كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تاماشىبىنلار مۇنبىرىنىڭ تۆمۈر توساقلىرىدىن بىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ۋەقە سەۋەبىدىن مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مىسىر تەنتەربىيە مىنىستىرى ئەشرەف سۇبى يازما باياناتىدا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسەن، تەرەپدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىرىشىشلەر سەۋەبىدىن ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەقەدە يارىلانغان 27 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر