ئەردوغان مەۋلانانى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۆزئارا مۇھەببەتنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەزرەتى مەۋلانانىڭ  يېتەكچىلىكىدە خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىنىمۇ مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1920285
ئەردوغان مەۋلانانى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۆزئارا مۇھەببەتنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كونيادىكى مەۋلانا كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەزرەتى مەۋلانانىڭ 749 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئوقۇلغان ئۇچۇرىدا، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مۇتەسەۋۋۇپ ۋە قەلب سۇلتانى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن خاتىرىلىدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا، ھەزرەتى مەۋلانانىڭ قەلبلەرگە شىڭدۈرگەن مۇھەببەت ئوتىنىڭ ئارىدىن يەتتە يېرىم ئەسىر ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، ھازىرمۇ قەلبلەرنى ساپلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بولۇپمۇ رايونىمىزدا توقۇنۇشلار ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە ھەزرەتى پىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن: <ئاچچىقلار مۇھەببەتتىن تاتلىق بولىدۇ، مىس مۇھەببەتتىن ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ. مۇھەببەتتىن قاينام-تاشقىنلىق دۇغ سۇلارمۇ ساپلىشىدۇ. دەرتلەر مۇھەببەتتىن شىپا تاپىدۇ. مۇھەببەتتىن ئۆلۈكلەرمۇ تىرىلىدۇ. مۇھەببەت بىلەن سۇلتانلارمۇ قۇلغا ئايلىنىدۇ> شۇنداق، مۇھەببەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بىرىنچى بولۇپ، ئۆز-ئارا مۇھەببەتنى ئورنىتىمىز، ئاندىن قوشنىلىرىمىزدىن باشلىغانچە، بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇھەببەت ۋە سۆيگىنىڭ شۇنداقلا كۆيۈمچانلىقنىڭ تىلى بىلەن خىتاب قىلىمىز. ھەزرەتى مەۋلانانىڭ  يېتەكچىلىكىدە خۇددى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىمىزنىمۇ مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر