2 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مائارىپ يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە مائارىپ فوندى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «2 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مائارىپ يىغىنى» ئاخىرلاشتى.

1903233
2 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مائارىپ يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مائارىپ فوندى تەرىپىدىن TRT نىڭ ئۇچۇر - ئالاقە جەھەتتىن قوللىشى بىلەن چاقىرىلغان، 7 دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەشكەن كەسپىي ئورگانلىرىنى  «مەكتەپلەرنىڭ كېلەچىكى، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدىن كېيىنكى تەلىم – تەربىيەگە بولغان ئېھتىياج» تېمىسىدا بىر يەرگە جەم قىلغان «2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مائارىپ يىغىنى» ئاخىرلاشتى. باغلارباشى قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۈنىنىڭ تۇنجى ئولتۇرۇشىدا، «كوۋىد ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكى»، ئىككىنچى ئولتۇرۇشىدا بولسا، «ئۆزگىچە مائارىپ» تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشىدا، «مائارىپ ساھەسىدە تاللاش خاراكتېرلىك ئىزدىنىشلەر» تېمىسى مۇھاكىمە قىلىندى. ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئۆمەر ئاۋجى رىياسەتچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئولتۇرۇشتا، EdX سودا تەرەققىيات ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جون شۋارتىز، Coursera for Campus  يەر شارىۋى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سكوت شىرېمان، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور كەمال سايار، پېشاۋار ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى پىروفېسسورى سەييىد مۇنىد ئەھمەد، ئافرىقا تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قادىر كانېي قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىدى.

«بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىۋاتىمىز»

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا بىردىنلا تور مائارىپى مودېلىغا ئۆتۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن  EdX سودا تەرەققىيات ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جون شۋارتىز، بۇ سايىدا مائارىپنىڭ كۆپ ساندا ساھەگە كېڭەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ، خارۋارد ۋە MIT تا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دەرسلەر دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىگە ھەقسىز بېرىلىدۇ، دېسەم، سىلەر بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇراتتىڭلار؟ بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش ئېكولوگىيەسى سىستېمىسىنى ھەممە جايدا، ھەممە ھئادەمگە سۇنۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ بۇ داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرەلەيدىغان ئەقىللىق ۋە باي كىشىلەر بىلەن كىرەلمەيدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىۋاتىمىز. بۈگۈنكى كۈندىكى مائارىپ سىستېمىسىدا بىز بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز، تەرەققىي قىلىشىمىز ۋە بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.»

«ئۈچ ھەپتە ئىچىدە مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلار بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا تور مائارىپىغا ئۆتتى.»

يىراق مۇساپىلىك مائارىپنىڭ يۈزتۇرانە مائارىپنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ياكى باسالمايدىغانلىقى مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان شۋارتىز، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن بۇ سوئالنى ئۆزۈمدىن ناھايىتى كۆپ سوردۇم. شۇنداق، باشقا تاللاش يوللىرى ئېچىلدى. ئۈچ ھەپتە ئىچىدە مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلار بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا تور مائارىپىغا ئۆتتى. ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى جەريانىدا بۇنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدۇق. بۇنى كەينىگە سۈرگەنلەرمۇ بولدى. كىشىلەر بۇنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ تەسىرىنى چۈشەنمەيتتى، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئالغا سىلجىش قەدىمىمىز ئىدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم شەكىلدە تور مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى.»

«تور مائارىپى نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى ۋاسىتىدۇر.»

Coursera for Campus  يەر شارىۋى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سكوت شىرېمان بولسا، تور مائارىپىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تور مائارىپنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن شىرېمان، مۇنداق دېدى: «تور مائارىپى نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى ۋاسىتىدۇر. بىرىنچىدىن، مائارىپ خىزمىتى سۇنىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ پايدىلىق. چۈنكى بۇ سىزگە ئىلگىرى سۇنۇلۇپ باقمىغان قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. تور مائارىپنىڭ قىسمەن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. مەسىلەن، يۈزتۇرانە مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا، تور مائارىپى تېخىمۇ ياخشىدۇر. جۈملىدىن، بۇلار بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە قوللايدىغان سىستېمىلاردۇر. نۆۋەتتە بىز ئوقۇغۇچىلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەم يۈزتۇرا ھەم تور مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز.»

يىغىن دائىرىسىدە، تۈركىيە مائارىپ فوندى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك مائارىپ فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى. مۇسابىقىدە، پاكىستاندىن شاجار زەھرا بىرىنچىلىككە، بۇرۇندىدىن رانىئا ھەسەن ئىككىنچىلىككە، ئافغانىستاندىن مۇستافا رەجەبى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە، مۇكاپاتلىرىنى، تۈركىيە مائارىپ فوندى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى پىروفېسسور دوكتور بىرول ئاقگۈن تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر