گېرمانىيەدە تۈركىيە كىنو- فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 22 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق فىرانكفورت تۈركىيە كىنو- فىلىم فېستىۋالى فرانكفورت شەھىرى ئەتراپىدىكى رودگاۋ يېزىسىدا باشلاندى.

1848466
گېرمانىيەدە تۈركىيە كىنو- فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسەيىن سىتقىي رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا يۆتكىلىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۈمۈش ئېكراننىڭ داڭلىق شەخسلىرى قاتناشتى.

ھۈسەيىن سىتقىي 30 كىنو قويۇلۇشى پىلانغان چوڭ بىر فېستىۋال ئارقىلىق كىنو سۆيەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رېژىسسور، سىنارىست ۋە ئارتىس مۇفىت جان ساچىنتىمۇ بۇ فېستىۋالنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېستىۋال دائىرىسىدە، 1 – ئىيۇل جۈمە كۈنى ھەر خىل تۈرلەر بويىچە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر