ھىندىستانلىق قىز بىلەن پاكىستانلىق يىگىت ئۆز دۆلەتلىرىدە قىلالمىغان توينى ئانتاليادا قىلدى

كەشمىر مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

1832448
ھىندىستانلىق قىز بىلەن پاكىستانلىق يىگىت ئۆز دۆلەتلىرىدە قىلالمىغان توينى ئانتاليادا قىلدى
pakistan-hindistan dugun evlilik.jpg
pakistan-hindistan dugun evlilik.jpg
pakistan-hindistan dugun evlilik.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ياشايدىغان ھىندىستانلىق سىمىتا كالان بىلەن پاكىستانلىق فەرخان ھۈسەيىن ئۆز دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك سەۋەبىدىن توي قىلالمىغاندىن كېيىن، تويىنى ئانتاليادا قىلدى.

ھىندىستانلىق سىمىتا كالان بىلەن پاكىستانلىق فەرخان ھۈسەيىن ئۆتكەن يىلى توي قىلىش قارارىغا كېلىشكەن ئىدى.

ئائىلىلەر دەسلەپتە ئككىلىنىپ نارزىلىق بىلدۈردى. ئەمما، قىز يىگىت بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، تويغا ماقۇل بولدى.

ئۆز دۆلەتلىرىدە توي قىلالمىغان بۇ بىر جۇپ، توي مۇراسىمى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى تۈركىيەنى تاللاپ، ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىدىكى دېڭىز ساھىلىدا توي قىلدى.

ھەم پاكىستان، ھەم ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتتىن تۇغقانلىرى ئانتالياغا كەلدى.

دەسلەپتە ئىسلامىي ئۇسۇللار بويىچى نىكاھ قىلىش بىلەن باشلانغان توي مۇراسىمى، ھىندىستان ئەنئەنىسى بويىچە داۋاملاشتى.

توي مۇراسىمى تويغا قاتنىشالمىغان ھىندىستاندىكى مېھمانلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر