27.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1769283
27.01.2022

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،  «پۇتىن بىلەن زېلېنسكىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلالايمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ يېڭى كرىزىسقا ئايلىنىشىنى خالىمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغىنىنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئيېتماقچىمىز. مەن بۇنى (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن ۋە (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىغا يەتكۈزدۈم. مېنىڭچە ھەر ئىككى دۆلەت تۈركىيەنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ياخشى نىيىتىنى بىلىدۇ. بىز ئىككى دۆلەتنى تۈركىيەدە كۈتۈۋىلىپ، تىنچلىق ئۈچۈن يول ئاچالايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «فاخرەتتىن ئالتۇن <500 مىڭ سۈرىيەلىك ئۆز دۆلىتىگە قايتتى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇننىڭ «تۈركىيە رايوننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىۋاتىدۇ، سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلاردىن 500 مىڭدىن كۆپرەكى تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز دۆلىتىگە قايتتى» دېگەنلىكىنى يازدى.  

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈرك دوختۇرىنىڭ پەخىرلىك خىزمىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا جېكسون تەجرىبىخانىسى ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پروفېسسور دوكتور دەريا ئۇنۇتمازنىڭ كوۋىد-19 نىڭ بارلىق ۋاىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك يېڭى بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەتىجىسىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ماگناتلىرى نەزىرىنى تۈركىيەگە قاراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، توك قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە، 2021-يىلىدا تۈركىيەدە ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ %237 ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ماگناتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى، تېسلا، م گ ۋە جاگۇار قاتارلىق دۇنياۋى ماركىلارنىڭ تۈركىيە بازىرىغا كىرگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ يانفون سۈنئىي ھەمراھى «Grizu-263A» نىڭ ھېكايىسى فىلىمغا ئېلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، زوڭغۇلداق بۇلەنت ئجەۋىت ئۇنۋېرسىتىتى ئالەم قاتنىشى گۇرۇپپىسى «Grizu-263» تەرىپىدىن  ئىشلەچىقىرىلغان ۋە 13 – يانۋاردا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن تۈركىيەنىڭ يانفون سۈنئىي ھەمراھى «Grizu-263A» نىڭ ھېكايىسىنى مەزمۇن قىلغان قىسقا فىلىم تەييارلانغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر