راكقا دىياگنوز قويۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بايقالدى

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار، بىمارنىڭ قېنىدا مېتابولىت (metabolit) دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان تەكشۈرۈش سىنىقىنى قىلدى.

1757522
راكقا دىياگنوز قويۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار، بىمارنىڭ قېنىدا مېتابولىت (metabolit) دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان تەكشۈرۈش سىنىقىنى قىلدى.

تەكشۈرۈش سىنىقىدا، قاندىكى مېتابولىتلارنى ئۆلچەش ئۈچۈن ماگېنت مەيدانى ۋە رادىيو دولقۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ قاندىكى مېتابولېتلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىدە راك بار-يوقلۇقىنى ياكى تارقىلىپ-تارقالمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تەكشۈرۈش سىنىقىدا، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان راك تۈرلىرىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئېنىق بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلاردىمۇ راكنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈشنىڭ ھەم تېز ھەمدە ئەرزان بولۇشى سەۋەبىدىن راكنى بالدۇر بايقاش دىياگنوزىنىڭ ئالدىدىكى توسقۇنلۇقلارنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر