پارسچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تۈرك ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاپ تېھراندا نەشىر قىلىندى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا تۈركچە دەرس ئالغان 16 كۇرسانت 27 تۈرك يازغۇچىنىڭ 31 ھېكايىسىنى پارسچىغا تەرجىمە قىلدى.

1753713
پارسچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تۈرك ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاپ تېھراندا نەشىر قىلىندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشھۇر تۈرك يازغۇچىلارنىڭ 31 ھېكايىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھازىرقى زامان تۈرك ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب تېھران دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدىكى شېئىر ۋە ئەدەبىيات ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىسە مۇراسىم بىلەن  تونۇشتۇرۇلدى.

تېھران يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن 16 ئىرانلىق كۇرسانت پارسچىغا تەرجىمە قىلغان ھېكايىلەر توپلىمى تېھراندىكى «Setak» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

تېھران يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى دىرېكتورى ئابدۇللا يەگىن ۋە نەشرىيات خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىدا ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلغان كۇرسانتلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر