ئىسىرائىلىيە ئالىملىرى ۋاكسىنالارنىڭ ئومېكرونغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ %90 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئالىملىرى ۋاكسىنالارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ %90 كىچە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1741552
ئىسىرائىلىيە ئالىملىرى ۋاكسىنالارنىڭ ئومېكرونغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ %90 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرى نىتزان خوروۋىتز (Nitzan Horowitz) يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ئىككى شىشە ۋاكسىنا ئەملەتكەن ياكى ئۈچىنچى شىشە كۈچەيتىلگەن ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەرنىڭ ئومىكرونغا قارشى قوغدىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ۋاكسىنانىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى ھەققىدە تېخىمۇ توغرا مەلۇماتلارغا ئىگە بولىمىز. ئەمما، بىز ھازىردىن باشلاپلا ئۈمىدۋار.  چۈنكى تولۇق ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەر بۇ ۋارىيانتتىن قوغدىنالايدۇ» دېدى.

ئىسىرائىلىيە تېلېۋىزىيەسىدە فايزېر ۋاكسىناسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ ئالدىنى %90 ئالالايدىغانلىقى، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە شېبا تىببىي مەركىزىدە، ئىككى دوختۇردا ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ يېڭى سەھىيە مىنىستىر نامزاتى بولغان كلىنكىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پىروفېسسورى كارل لاۋتېرباخ  (Karl Lauterbach) دەسلەپكى دوكلاتلارنىڭ، ئومېكروننىڭ يېڭى يىللىق ھەدىيە بولۇش مۇمكىنلىكىنى، ھەتتا ۋابانىڭ ئاخىرلىشىشىنى تېزلەشتۈرۈش مۇمكىنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر