بىر يىلى 16 سائەتكە توغرا كېلىدىغان بىر پىلانېتا بايقالدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) يەر شارىدىن بىر قانچە مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا «TOI-2109b» ناملىق پىلانېتانى بايقىدى.

1741538
بىر يىلى 16 سائەتكە توغرا كېلىدىغان بىر پىلانېتا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقالغان يېڭى پېلانىتادا بىر يىلنىڭ 16 سائەت ئىكەنلىكى ۋە ئەڭ ئىسسىق ئىككىنچى پىلانېتا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن يېڭى پىلانېتانىڭ، ئالىملار «ئىسسىق يۇپىتېرلار» دەپ نام بەرگەن كاتېگورىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يۇپىتېر زىچلىقىنىڭ تەخمىنەن بەش ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان ۋە 16 سائەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان يېڭى پىلانېتانىڭ، 10 مىليون يىلدىن كېيىن، ئۇ جايىدا بولماسلىق ئېھتىمالى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر