كانادادا ئوچۇق جامەلەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

كانادادا ھەر يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىسلام مىراسلىرى ئېيى مۇراسىملىرى» دائىرىسىدە، ئوچۇق جامەلەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1727039
كانادادا ئوچۇق جامەلەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادىكى مۇسۇلمانلار قوشنىلىرىنى، خىزمەتداشلىرى ۋە مەكتەپتىكى دوستلىرىنى تەكلىپ قىلغان بۇ پائالىيەتلەردە، ئىماملارغەيرى مۇسۇلمان قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كانادانىڭ خامىلتون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوچۇق جامەلەر پائالىيىتىگە، غەيرى مۇسۇلمانلار ئالاھىدە قىزىقىش كۆرسەتتى.

پائالىيەت دائىرىسىدە، جامەدە رەسىملىك ۋە سىنلىق تونۇشتۇرۇشلار كۆرسىتىلدى. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى ۋە باشقا ئېتىقادلار بىلەن بولغان پەرقى چۈشەندۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر