ئەردوغان «قۇربان ھيېت» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ «قۇربان ھيېت» ىنى تەبرىكلىدى.

1677474
ئەردوغان «قۇربان ھيېت» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «قۇربان ھيېت» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بارلىق تۈركىيە پۇقرالىرىنى «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كونترول ئاستىغا ئالغان، كۈندىلىك ھاياتنى نورماللاشتۇرۇش يولىدا تۈرلۈك قەدەملەرنى تاشلىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «قۇربان ھيېت» نى تېخىمۇ ياخشى شارائىتلار ئاستىدا كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ، ۋاكسىنا ئەملەشتە، دۇنيا بويىچە ئوتتۇىچە ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتە ھېچقانداق قىيىنچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى، يەرلىك ۋاكسىنانىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىشلىتىلىشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بارلىق پۇقرالىرىمىزنى، جۈملىدىن، 18 ياشتىن چوڭ بارلىق خەلقىمىزنى  ۋاكسىنا خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا چاقىرىمەن. ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يۇقۇم، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغۇچىلار سانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەر، شەخسلەرنىڭ سالامەتلىكى، خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە دۆلەتنىڭ نىشانى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى، 84 مىليون خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەنىڭ رايونىدا ۋە دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قۇدرىتى ئېلىپ كەلگەن ئىشەنچ، مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە ئۈمىد مۇھىتىدا قەتئىيلىك بىلەن نىشانىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

ئەردوغان، سۆزلىرىنى بارلىق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ «قۇربان ھيېت» ىنى تەبرىكلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر