تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش كوسوۋادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش كوسوۋا زىيارىتى دائىرىسىدە، كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسى رەئىسى نائىم تىرناۋا بىلەن كۆرۈشتى.

1661322
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش كوسوۋادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پرىستىنادىكى كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەلى ئەرباش ۋە نائىم تىرناۋا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئەلى ئەرباش كوسوۋودا ئىككى كۈندىن بۇيان مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە تۈركىيە دىنىي فوندى جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پرىستىنادا چوڭ بىر جامى سېلىش لايىھەمىز بار. لايىھەنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى باشلاپ بولدۇق» دېدى.

ئەلى ئەرباش تۈركىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن نۇرغۇن دىنىي خادىملارنىڭ كوسوۋانىڭ ئوخشاش بولمىغان جامىلىرىدە، كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەدە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئالغان كوسوۋالىق نۇرغۇن ياشلارنىڭمۇ كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەسچىتلەردە ئىمام ۋە خەتىپ بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نائىم تىرناۋامۇ كوسوۋا ئىسلام بىرلەشمىسىگە ھەر جەھەتتىن ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا رەھمەت ئېيتتى.

نائىم تىرناۋا پرىستىنا شەھەر مەركىزىدىكى جامى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تاجلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر