17.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1659831
17.06.2021

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» كوۋىد -19 يۇقۇمىغا ئالاقىدار خەۋىرىدە، بۈگۈندىن باشلاپ فىرانسىيەدە ئوچۇق ھاۋادا ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتى ھەمدە يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، (روسىيە پىرېزىدېنتى) ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى) جو بايدىننىڭ ئۇچرىشىشىدا «ھەمكارلىقتا ئۆز-ئارا مەنپەئەت بار» دېيىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، تۆۋەندىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى:

«(ئىتالىيەدە) رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىغا يېقىن جايدا بومبا تەھدىتى. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەنتەربىيە مەيدانىغا يېقىن جايدا توختاق ئاپتوموبىلدىن بايقالغان پارتىلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلانغان»

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ «يادرو كېلىشىمىگە قايتىش ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، يىگىرمە يىلدا تۇنجى قېتىم دۇنيا مىقياسىدا ئىشلەيدىغان كىچىك بالىلار سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «‹ئەلجەزىرە› قانىلى»، بىر تۈركۈم كاندىداتلارنىڭ چېكىنگەنلىكىگە قارىماي، (ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى) ھامىنىنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كەڭ قاتنىشىشقا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ: «رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشنى خالىمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Spiegel.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان كوۋىد سىناقلىرىنىڭ % 11 ىدە ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈرىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى جېنس سپاخننىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ماسكا سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيەدە 40 ياشلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇشۇ ئاي تۇنجى ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنگەنلىكىنى، 30 ياشلىقلارنىڭ بولسا،  ئىيۇل ئېيىدا تۇنجى قېتىم ئەملىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»، بىريۇسسېل دائىرىلىرىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ 69 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق قۇتقۇزۇش پىلانىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Infobae › گېزىتى»، چىلى تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كوۋىد-19 بېمارلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ ھەپتە كارانتىنغا قايتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىغا «ياخشى ۋە ئىجابىي» دەپ باھا بەردى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پۇتىن بىلەن بايدىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا قارىتا  «ئامېرىكا ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر