تۈركىيە 51-نۆۋەتلىك بالقان 20 ياشتىن تۆۋەن يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدا تۈركىيە جەمئىي 32 مېدالغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولدى.

1657582
تۈركىيە 51-نۆۋەتلىك بالقان 20 ياشتىن تۆۋەن يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېنىك ئاتلېتىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسالانغاندا، ئىككى كۈن داۋاملاشقان 51-نۆۋەتلىك بالقان 20 ياشتىن تۆۋەن يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە 9-ئالتۇن، 10 كۈمۈش ۋە 13 مىس مېدالغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان. رۇمىنىيە ئىككىنچى ۋە سېربىيە ئۈچىنچى بولغان.

مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

ئەرلەر 800 مېتىرغا يۈگرۈش تۈرىدە مۇرات ئاراس  1: 52.20 لۇق نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

110 مېتىرلىق توساقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشتە ئايەتۇللاھ دەمىر 14.13 لۇق نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئەرلەر ئېگىز سەكرەشتە ئەلى ئەرەن ئۈنلۈ  2.14 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئەرلەر نەيزە ئېتىشتا، ئوزۇزخان ئۇستا 68.18 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئەرلەر 4 × 100 مېتىرلىق يۈگرۈشتە ۋولقان ئەردوغان، مۇھەممەد فاتىھ گۆچ، ياسىن سوسا، ئورچۇن ئۈنالان -42.08 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئاياللار 3000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە شەۋۋال ئۆزدوغان 10:17.64 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئاياللار چۆيۈن توپ ئېتىشتا پىنار ئاكيول 17.21 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئاياللار بولقا  ئېتىشتا، ئەجە نارتۇرك  54.04 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،

ئاياللار دىسكا ئېتىشتا، ئۆزلەم بەجەرەك   56.95 نەتىجە بىلەن بىرىنچى،



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر