مەركىزىي ئاسىيا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 73

1642631
مەركىزىي ئاسىيا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

مەركىزىي ئاسىيا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

 ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 2021-يىلى، 12 – ماي كۈنى، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە، 2-نۆۋەتلىك خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشتى. يىغىندا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، «بىر بەلۋاغ بىر يول» لايىھەسى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا، خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان 12 ساھە بېكىتىلدى. ئىككى يىغىن دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئەنئەنىۋى داۋالاش مەركەزلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە كۆپەيتىلىشى ۋە تور ئارقىلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتى (يىراقتىن داۋالاش خىزمىتى) نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارارلاشتۇردى. بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان بىرلىكتە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقارماقتا.

يىغىندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تىرانسپورت ساھەسىدە «يېشىل كارىدور» بەرپا قىلىش تەكلىپى سۇندى. بۇ تەكلىپ، تاموژنا ۋە باج توسالغۇلىرىنى قولاي يېڭىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ غەربكە توشۇلۇشىدا، مەركىزىي ئاسىيادىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول تىرانسپورتى مۇھىم رول ئوينىدى. خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا تۆمۈر يولىدىن توشۇلغان يۈك،  2020-يىلى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 56 كۆپىيىپ، 517 مىڭ كونتېينېردىن ئاشتى. خىتاي قازاقىستان ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرگەن تۆمۈر يول تىرانسپورتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىماقتا.

يىغىن ئاخىرىدا، ئافغانىستان، رايونلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە ئورتاق باياناتلار ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش فورماتسىيەسى شەكىللەندۈرۈش توغرۇلۇق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھىندىستان ۋە رۇسىيە بىلەن، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى «مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى» غا ئوخشاش فورماتسىيەدە يىغىنلارنى ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە رايونلۇق ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى  قوغداش مەسىلىسىنى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ قولاي ھەل قىلىشى جەھەتتىن، بۇ فورماتسىيە ئۈنۈملۈكتۇر.

خىتاي مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە رەقىبلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش يولىنى تاللىماقتا. مەسىلەن، شىئەندىكى يىغىندا، بۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلىدىغان يىغىنلاردا، چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇش ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىدا، خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا يىغىنلىرىغا مەسئۇل بىيۇرو تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. ئاكادېمىكلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەيئەتلىرى تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىلىشى قارارلاشتۇرۇلدى. قىسقىسى، تەرەپلەر مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۆڭلىگە پۈكمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە ئەڭ چوڭ كرېدىت بىلەن تەمىنلىگۈچىسى خىتايدۇر. «خىتاي رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئىقتىساد بىلەنلا چەكلەيدۇ» دەپ ئويلاش خاتادۇر. تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئارقىلىق رايوندىكى يۇمشاق كۈچىنى زورايتىۋاتقان خىتاي،  ئۇزاق مەزگىلدە ھەر ساھەدە مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى بولۇشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر