مىللىي پۇتبولچىسىمىز بۇراك يىلماز فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى
فىرانسىيەنىڭ 1-پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىسى لىللە كوماندىسىدا توپ تەپكەن مىللىي پۇتبولچىسىمىز بۇراك يىلماز كوماندىدا 4-ئاينىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى.
1635237
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 35 ياشلىق ھۇجۇمچى پۇتبولچى بۇراك يىلماز، 4-ئايدا ئوينىغان 4 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ كىرگۈزگەن ئىدى.
بۇراك يىلماز لىللە كوماندىسىدا يەنە، 12-ئايدىمۇ ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بولۇپ سايلانغان ئىدى.
فىرانسىيەنىڭ 1-پۇتبول بىرلەشمىسىدە بۇ پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن 25 مۇسابىقىدا جەمئىي 13 توپ كىرگۈزگەن بۇراك يىلماز، كوماندىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىسى بولۇش سالاھىيىتىنى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە.