ئەردوغان 1 – ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1 – ماي ئەمگەكچىلەر ۋە ھەمكارلىق بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.
1631932
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قان - تەر ئاقۇزۇپ مېھنەت قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىغىمۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان ئەمگەكچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 1 – ماي ئەمگەكچىلەر ۋە ھەمكارلىق بايرىمى كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈنمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، 1 – ماي ئەمگەكچىلەر ۋە ھەمكارلىق بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەپ ۋىدېئولۇق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنىدى.