ئەردوغان مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرى رىزا كايائالپنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى

مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرى رىزا كايائالپ ياۋروپا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ گرېتسىيە-رىم ئۇسلۇبىدىكى 130 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1627909
ئەردوغان مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرى رىزا كايائالپنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى
riza kayaalp avrupa sampiyonu.jpg
riza kayaalp avrupa sampiyonu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 6-كۈنىدە، مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز رىزا كايائالپ گرېتسىيە-رىم ئۇسلۇبىدىكى 130 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا گرۇزىيەلىك لاكوبى كاجىئا بىلەن مەيدانغا چۈشتى.

رىزا كايائالپ گرۇزىيەلىك رەقىبىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، كەسپىي ھاياتىدا ئۇدا  10- قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

«ئەڭ كۆپ ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۈرك تەنھەرىكەتچىسى» دېگەن نامغا ئىگە رىزا كايائالپ ئۆزىگە خاس رېكورتلارنى ياراتتى.

مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز يەنە 4 قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئولىمپىك ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ئىدى.  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز رىزا كايائالپقا تېلېفون قىلىپ ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

ئەردوغان مەملىكەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىزنىڭ توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىمۇ چېمپىيون بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر