لىۋاندا تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بۇ يىلمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنلەر ئىچىدە بىرىنچى

تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بۇ يىلمۇ لىۋاندا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

1624821
لىۋاندا تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بۇ يىلمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنلەر ئىچىدە بىرىنچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  لىۋاننىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى «El-Cedid» رامىزاننىڭ باشلىنىشى بىلەن 2 تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئېكرانغا ئېلىپ كەلدى.

«El-Cedid» قانالى نۇقتىلىق خەۋەرلەر پروگراممىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە لىۋان تاماشىبىنلىرىغا «ئىشق گەپ ئاڭلىمايدۇ» ۋە «دولۇنئاي» ناملىق 2 تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تەقدىم قىلدى.

دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان «MTV» مۇ تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن «مۇلايىم ئىشق» ناملىق يۈۈشلۈك فىلىمنى تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

لىۋاندا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى «LBCI» بولسا، ئۆتكەن يىلى بىرىنچى پەسلىنى تارقانقان «پارچا پارچا» ناملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككىنچى پەسلىنى ھەمدە يەنە «سەپەر قىزى» ناملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

لىۋان خەلقى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم 2007-يىلىدا تونۇشقان بولۇپ، بولۇپمۇ رامىزان مەزگىلىدە تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

مەركىزى لىۋانغا جايلاشقان ئىپسوس تەتقىقات شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، لىۋاندا 2020-يىلى رامىزاندا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان. لىۋاندا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10 تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 6 سى  يەنە تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، بۇلتۇر لىۋاندا رامىزان ئېيىدا «قارا دېڭىز» ناملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى %18.46 لىك كۆرۈلۈش باھالاش نۇمۇرى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. « ئاق ۋە قارا مۇھەببەت» ناملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسا، %18.37 لىك كۆرۈلۈش باھالاش نۇمۇرى بىلەن ئىككىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر