15.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1621833
15.04.2021

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئېربىل ئايرودورۇمىغا يېقىن جايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ لىۋان رەھبەرلىرىنى ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا مۆتىدىل بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، ياۋروپادا تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمنىڭ «ھالقىلىق» نۇقتىغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەنى «ۋەتىنىم» دەپ قارايدىغان تۈركلەرنىڭ سانى ئېشىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشكا ئاساسلانغاندا، تۈركلەرنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا گېرمانىيەگە تېخىمۇ بەك ماسلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 1-مايدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹Expansion› گېزىتى»،  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) نىڭ ئىسپانىيەدىن ئىقتىساد ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر باجنى كۆپەيتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Confidencial› گېزىتى»، ئىسپانىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە چېكىندۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، (كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى) پاپا فىرانسىسنىڭ ئارگېنتىنانىڭ قەرز مۇزاكىرىلىرىدە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بىلەن بىرلىكتە مۇرەسسەچىلىك قىلىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ نورتې دام چوڭ چېركاۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار «بەرداشلىق بېرىمىز ۋە قايتا قۇرۇپ چىقىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹لې موندې›  گېزىتى» فىرانسىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 100 كىشى  قازا قىلغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە ئىزلىرى ئېنىق بولمىغان ئېغىر تىرادىگىيەلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىققا ئالاقىدار قانۇننى ماقۇللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنى مەنبە قىلغان  خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرماسلىققا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Vedomosti› گېزىتى»، رۇسىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Rosstat) نىڭ رۇسىيەدىكى نامراتلىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر