15.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1621723
15.04.2021

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «ياشلار سورىدى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جاۋاب بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن «كۇتۇپخانا پاراڭلىرى» ناملىق پائالىيەت دائىرىسىدە، مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئەردوغان قانال ئىستانبۇل لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يەردە بىز مۇستەقىللىقىمىز ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بىر ئەسەر يارىتىمىۋاتىمىز» دېدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇنىڭ مىسىر ھەققىدىكى باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا: «مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر دەۋر باشلىنىدۇ، ئۆز-ئارا زىيارەتلەر ۋە سۆھبەتلەرمۇ بولىدۇ» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن: <ۋىلدېرس ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن گوللاندىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گېرت ۋىلدېرسنىڭ «ئىسلامنى ۋە رامىزاننى توختىتىڭ» دېگەن يازمىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قەلبسىز ۋىلدېرس ئاشقۇنلۇق، ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە فاشىزىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىسلام ئاشقۇنلۇقنى، زوراۋانلىقنى، ئىرقچىلىق ۋە فاشىزمنى ئەيىبلەيدۇ"دېدى.

«‹ستار› گېزىتى» ،«ئۇلارنىڭ قېنى يەردە قالمىدى! ئاپېلسىن تىزىملىكىدىكى تېرورچى ئۆلتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دىيارباكىردا 5 پۇقرا ۋە 1 ژاندارما خادىمىنى شېھىت قىلغان ھەمدە بىرسى ئۈچۈن ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK ئەزاسى 2 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر تۈنۈگۈن ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر