پېرۇدا 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆمۈچۈك ئىبادەتخانىسى تېپىلدى

پېرۇدا 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىبادەتخانا تېپىلدى.

1611403
پېرۇدا 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆمۈچۈك ئىبادەتخانىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىرۇ رايونىدا بايقالغان يوغان ئۆمۈچۈك شەكىللىك ئىبادەتخانىدا يەرلىك كىشىلەر يامغۇر ۋە تۇغۇت ئۈچۈن دۇئا قىلىشىدىكەن.

يەرلىك كىشىلەر ئاۋاكدو (ياۋا ئامۇت) ۋە شېكەر قومۇچى ئېتىزىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چوڭ قېزىش ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىۋاتقان پەيتتە بۇ قەدىمكى جاينىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوتتۇرىغا چىققان ئىبادەتخانا رەسىملىرى رايونغا بارغان ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ قوغداش ئاستىغا ئېلىندى.

ئارخېئولوگلار بايقالغان بۇتخانىنىڭ ئۆمۈچۈكنى ئىلاھ دەپ قارايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىللار ئەتراپىدا پېرۇنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان كۇپىسنىك مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر