25.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1590560
25.02.2021

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹لې سوئېر›  گېزىتى»، تۈنۈگۈن بېلگىيە دېڭىز قىرغىقىنىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانلىقىنى، شەھەر باشلىقلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا «يۇقۇم سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» فرانسىيەدە ھەپتىسىگە 100 كىشىدىن بىرسى كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا فىرانسىيەنىڭ دانكېركې رايونى ۋە ئەتراپىدا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹لې فىگارو›  گېزىتى»، شىۋېيېتسارىيەدە 1-مارتتىن ئېتىبارەن كوۋىد -19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تاقالغان دۇكان، مۇزېي ۋە دالا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ «ئېھتىياتلىق» ھالدا قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرگىلى بولىدىغان كوۋىد-19 نى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Spiegel.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە تەخمىنەن 21 مىليون كىشىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى دائىرىسىدە، خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەر كاتىگورىيەسىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ard.de› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆرگىرىشكە ئۇچرىغان يېڭى تىپتىكى كورونا ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «8-مارت» ئاگاھلاندۇرۇشى  دائىرىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مادرىدقا يىغىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «‹El Universal› گېزىتى»، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ (تۈرمىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ​​خوجايىنى جوۋچىن گۇزمان) نىڭ ئايالى ئېمما كورونېلنى «سىنالوئا شايكىسىنىڭ كاتتىباشلىقى قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 چىلىدا چىقىدىغان «‹لا تېرسېرا›  گېزىتى»، كوۋىد -19 غا قارشى ياسالغان سىنوفارما ۋاكسىنىسىنى پات يېقىندا 3 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئەملەشكە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ۋاشىنگىتوننىڭ لايىھە نىشانى دائىرىسىدە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، (ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست) جامال كاشىقچى دوكلاتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇدقا تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سۈرىيەدە نامراتلىقى يۇقۇرى چەككە يەتكەن ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى سېتىۋاتلىقىنى، سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئەسەدنىڭ بولسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە تېلېۋىزىيەلەردىكى يېمەكلىك پروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن كۇپايە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى روستېخنىڭ ئىجرائىيە كومىتى رەئىسى  سېرگېي چېمېزوۋنىڭ «رۇسىيەنىڭ S-400 مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى»، ئەرمېنىيە ئارمىيە باش ئىشتابى بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى تىران ھاچاتراننىڭ رۇسىيەدە ياسالغان «ئىسكەندەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئالدىنقى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشقا يارىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن  ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، رۇسىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋنىڭ رۇسىيەنىڭ دوللارغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر