28.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1572806
28.01.2021

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېلون مۇسك بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «Tesla» ۋە «SpaceX» نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون مۇسك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورگانلار بىلەن شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئالەم تېخنىكىسى قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»،  «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن تۈركىيەگە مەدھىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دوكتور باتىر بېردىكلىچېۋ تۈركىيەدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنى مەدھىيەلەپ: «ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەندى. تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسى ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلماقتا» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈرك ئالىمنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئاۋىستىرىيەدىكى بىيو تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئالىي دېرىكتورى، ئەسلى تۈركىيەلىك ئالىم پروفېسسور دوكتور كامىل ئۆندەر ئەنگلىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان تېز تارقىلىشچان كوۋىد-19 نىڭ يېڭى تۈرىنى تېز بايقايدىغان «PCR» سىناق ئۇسكىنىسىنى ياساپ چىقتى. كامىل ئۆندەر: «(سىناق) 60 مىنۇتتىن 90 مىنۇتقىچە نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. پۈتكۈل جەريان تەرتىپكە سېلىشقا ئېھتىياجسىز ھالدا داۋاملىشىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئەرزان ھەم ناھايىتى تېز، بۇمۇ چوڭ بىر ئەۋزەللىك» دېدى.  

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيەنى جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇرىغان رەقەملەر ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «IMF» نىڭ مۆلچەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقىغا ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئىقتىسادىي زورىيىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ،  يۇقۇمغا قارىماستىن داۋاملىق ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيەگە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «IMF» دىن روھىي كەيپىياتىنى يۇقىرى كتۈرىدىغان مۆلچەر يېتىپ كەلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «IMF» نىڭ مۆلچەرلىىشىچە، تۈركىيە بۇ يىل %6 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن ۋە بۇ ئىش تۈركىيەنى جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىكەن.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «دۇنيا چولپىنى ئىمزا قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئارسېنالدىن فەنەرباھچە كوماندىسىغا ھەقسىز قوشۇلغان دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا سېرىق-كۆك رەڭلىك فورما كىيىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتقان مەسۇت ئۆزىل: «بۇ فەنەرباھچە ئۈچۈن بۇ بىر چۈش ئىدى، مەن ئۈچۈنمۇ بۇ بىر خىيال ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى بىر  باغلىنىش بولغۇسى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر