مەسۇت ئۆزىلنىڭ فەنەرباھچە كوماندىسىغا يۆتكىلىشىگە دائىر ئۇچۇر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى

فەنەرباھچە كوماندىسىغا يۆتكىلىشى كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە پۇتبول ماھىرى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئاكىسى مۇتلۇ ئۆزىلنىڭ فەنەرباھچە ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشى ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى.

1565120
مەسۇت ئۆزىلنىڭ فەنەرباھچە كوماندىسىغا يۆتكىلىشىگە دائىر ئۇچۇر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇتلۇ ئۆزىل ئىجتىمائىي تاراتقۇ  ھېسابىدا،  «ئەلھەمدۇلىللاھ 10» دېگەن سۆزگە فەنەرباھچە بەلگىسىنى قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.

مەسۇت ئۆزىلمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بۇ ئۇچۇرغا ياقتۇرۇش ئىشارىتىنى قويدى. بۇ ئىش فەنەرباھچە مەستانىلىرىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۇچۇر نۇرغۇن ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئېنگلاند كۇلۇبى ئارسېنال بىلەن توختامنى بىكار قىلىش ھەققىدە  كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، ئاخباراتلاردا كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر