ئارگېنتىنانىڭ ئاتاقلىق پۇتبول چولپىنى مارادونا بالنېستقا ئېلىندى

ئارگېنتىنانىڭ ئەپسانىلەشكەن پۇتبول چولپىنى دىياگو ئارماندو مارادونا كېسەللىك سەۋەبىدىن بالنېستقا ئېلىندى.

1520827
ئارگېنتىنانىڭ ئاتاقلىق پۇتبول چولپىنى مارادونا بالنېستقا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 60 ياشقا كېرىپ قالغان پۇتبول چولپىنى مارادونا قان ئازلىق كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان ئىدى.

ئارگېنتىنا مەتبۇئاتلىرى مارادونانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدا قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مارادونا تىزىدىكى مەسىلە سەۋەبىدىن مېڭىشتا قېيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولىشىغا قارىماي، ئارگېنتىنانىڭ گىمناسىيا لا پلاتا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر