مېرسىدىس ئىرقچىلىققا قارشى قارا رەڭلىك ئاپتوموبىل بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولدى

«فورمۇلا 1» كوماندىسىنىڭ بىرى بولغان مېرسىدىس بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قارا رەڭلىك ئاپتوموبىل بىلەن مۇسابىقىغا چۈشىدىغان بولدى.

1446091
مېرسىدىس ئىرقچىلىققا قارشى قارا رەڭلىك ئاپتوموبىل بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېرسىدىس كوماندىسىنىڭ باياناتىدا «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىكتۇر» پائالىيىتى ئەسكەرتىلىپ، كوماندىنىڭ ھەر خىل ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىشلەركە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، كوماندىنىڭ 2020 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلغانلىقى، ئەنئەنىۋى كۈمۈش رەڭنىڭ ئورنىغا قارا رەڭلىك ئاپتوموبىل بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقى ۋە ئاپتوموبىلغا «ئىرقچىلىقنى يوقۇتۇڭ» دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مېرسىدىس شوپۇرلىرىدىن لېۋىس خامىلتون ئامېرىكادا ئەسلى ئافرىقالىق جورج فلويىدنىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن، «فورمۇلا 1» دىكى ئىرقچىلىققا سۈكۈت قىلغانلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

 

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن «فورمۇلا 1» دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى مەيدانى 5 - ئىيۇلدا ئاۋستېرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر