ئاياسوفيادا «فەتىھ سۈرىسى» ئوقۇلدى

ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 567 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياسوفيادا «فەتىھ سۈرىسى» نى ئوقۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1426091
ئاياسوفيادا «فەتىھ سۈرىسى» ئوقۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 7 – پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت 1453 – يىلى شەھەرنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇغان ئاياسوفيادا ئۆتكۈزۈلگەن «فەتىھ مۇراسىمى» دا «فەتىھ سۈرىسى» ئوقۇلدى.

مۇراسىم، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىۋاتقاندا پاراخوتلارنى قۇرۇقلۇقتىن قوزغاتقان يوللاردىن ئۆتۈپ، ئاياسوفياغا يېتىپ بارغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن باشلاندى.

2 – مەھمەتنىڭ ئۇدا 54 كۈن داۋاملاشقان مۇھاسىرىسىدىن كېيىن، ئىستانبۇلنىڭ 1453 – يىلى 29 – ماي سەيشەنبە كۈنى پەتھى قىلىنىشىدىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلغان فەتىھنىڭ سىمۋولى ئاياسوفيادا «فەتىھ سۈرىسى» تىلاۋەت قىلىندى. ئاندىن ئاممىۋى دۇئا قىلىشقا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ جۈر بولدى.

ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە خىتاب قىلغان ئەردوغان، فەتىھ ھەرىكىتىنىڭ ۋەيران قىلىشنىڭ ئەمەس، گۈللەندۈرۈشنىڭ، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەمەس، ئاۋات قىلىشنىڭ، زۇلۇمنىڭ ئەمەس، ئادالەتنىڭ، نومۇسسىزلىقنىڭ ئەمەس، ئېسىل پەزىلەتنىڭ، نەپرەتنىڭ ئەمەس، مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغاننىڭ نۇتىقىدىن كېيىن، ئاياسوفيانىڭ ئالدىغا قۇرۇلغان سۇپىدا «ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى» تېمىلىق خەرىتە كۆرسىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

«فەتىھ مۇراسىمى» تارىخىي يېرىم ئارالدىكى ئېتىلداق پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

مۇراسىم، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بىلەن ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ « YouTube» قاناللىرى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى سەھىپىلىرىدىن ھەم تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن نەق مەيداندىن تارتقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر